ئوقۇغۇچىلار شۇنچە بايمۇ؟

چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆزىتىشىچە چەتئەللەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا خەج-خىراجەت دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئاساسەن ئۆزى ھەل قىلىدىكەن. ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا جەمئىيەتتىن ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىكەن ياكى ياخشى ئوقۇپ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى دېگەنلەرگە ئىرىشىدىكەن. تەتىللەردە ئۆيگە قايتماي ئىشلەپ كېيىنكى مەۋسۈمنىڭ پۇلىنى تاپمىسا بولمايدىكەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلار قۇربى يەتسە، ياكى خالىسا بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىدىكەن، ياكى قەرز بېرىدىكەن. لېكىن ئوقۇش پۇلىنمۇ، تۇرمۇش پۇلىنىمۇ پۈتۈنلەي ئاتا ئانىسى تۆلەپ بېرىدىغان ئىش ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەسكەن. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ۋە ياكى جۇڭگۇدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش ئالىي ئوقۇللاردىكى بالىلىرىغا نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بىرىش، ئەڭ زور چەكتىكى مىھرىبانلىق، كۆيۈنۈش قاتارلىقلار ئامىرىكا دېگەندەك ئەللەردىكى ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئەجەبلىنەرلىك، يوچۇنلا بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا كۆيۈنۈش، مىھرىبانلىقمۇ توغرا ئۇسۇلدا بولمىسا بالىلارنىڭ كىلەچىكىگە نىسبەتەن سەلبىي تەسىرى زور بولۇپ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن.
دىيارىمىزدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ ئاتا-ئانىسىغا تايانماي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزىگە مۇناسىپ ئىش تىپىپ قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان، ھەتتا ئۆزىدىن ئېشىنغىنىنى ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ قالغان ئىدىم. لىكىن ھەممىمىزگە ئايانكى دىيارىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل ياشاش، ئۆزىگە تايىنىشنى ئۈگۈنىۋالغان ياشلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن جەمئىيەتتكى ئورنىنى قىينالمايلا تاپالايدۇ. بىر دوستۇم ئۆيىنى تازىلاتقۇزماقچى بولغان بىرسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۇرتلۇق ئوقۇغۇچى بىر قىزغا 100 يۈئەن بىرىپ ئۆينى تازىلاپ بىرىشنى ئېيتقاندا ئۇ قىزنىڭ خوشياقمىغاندەك ئىنكاستا بولغىنىدىن قاقشاپ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تاققا چىقىپ قۇرلۇشلاردا ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

مەنمۇ بۇنداق ئىشقا بىر قانچە قېتىم دۇچ كەلدىم . ئادەتتە ئۈرۈمچىدىكى خىرىدارلىرىمىز زاكاس قىلغان ھەسەل ۋە باشقا شەربەت دېگەندەك پوچتىدىن ئەۋەتىش قولايسىز بولغان ماللارنى ئاپتۇبۇستىن ئەۋەتىمىز. شوپۇر ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئۈچتاش بىكەت يېنىدىكى < <لوقمان تاللا بازىرى>> نىڭ مال ساقلاش ئورنىغا ئەكىرىپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تېلفۇن قىلىشى بىلەن بىزگە مال زاكاس قىلغان خىرىدار ئۇ يەرگە بىرىپ بۇيرۇتمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كىرا ھەققى بىر تال سەرەڭگە قېپىچىلىك نەرسە بولسىمۇ 20 يۈئەن، چوڭراق يەشىك بولسىمۇ 20 يۈئەن. 20-30كىلوگىرام كەلگۈدەك چوڭ يەشىك بولسا 30 يۈئەن ئەتراپىدا بولىدۇ. خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا بەزىلەر 5-10 گىرام زەپە، بىرەر بولاق ئالاھىدە چاي بۇيرۇۇتسا، بەزىلەر 5-6 كىلو ھەسەل. گۈلقەنت ۋە باشقا بۇيرۇتمىلارنى بۇيرۇيدۇ. ئەنە شۇ بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسە ئۈچۈنمۇ ۋە باشقا چوڭراق ھەسەل-گۈلقەنت ئۈچۈنمۇ ساقلاش ھەققى قوشۇلۇپ 25 يۈئەن كىرا تۆلەيدۇ. مەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدىغان 5-6 قېتىملىق ماللارنى يېغىنچاقلاپ ئوقۇغۇچى باللاردىن بىرەرسىگە كىرادىن ۋە ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان قوشۇمچە مۇلازىمەتتىن پايدا چىقىرىپ بىرەي دەپ ئويلىشىپ بىرسىگە بۇ ئىشنى ئېيتسام دەسلىپىدە خۇش بولدى، كىيىن بىر-ئىككى قېتىم قىلىپ بېقىپ < <خەخنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بىرىشتىن غەلىتە ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن>> دېگەن باھانە بىلەن بۇ ئىشنى بولدى قىلدى. يەنە بىرسىمۇ بۇ ئىشنى بىر نەرسە كۆتۈرىدىغان < <قارا ئىش >> ئىكەن دەپ باش تارتتى. ئۇندىن كىيىن بىركىم بىلەن بۇ ئىشنى دېيىشمىدۇق. بۇيرۇتمىلارنى ئايرىم ھالدا ئۈچتاش بىكەتكە ئەۋەتىپ تۇردۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ھەم بىزنىڭ خىرىدار ئۈچۈن قولاي بىر ئىش ئىدى. بىز بىر قېتىمدا 5 خىرىدارنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى بىر يەشىككە قاچىلاپ ئەۋەتسەك كۆپ بولغاندا 30 يۈئەن كىرا چىقىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇنى دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئىلىپ ھەر بىر خىرىدار بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ خىرىدارغا قولاي بولغان جايغا يەتكۈزۈپ بىرىپ كىرا ئۈچۈن 25 يۈئەن، كىيىنكى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بىرىش مۇلازىمىتى ئۈچۈن كىلىشىپ مۇۋاپىق ھەق ئالسا – مەسىلەن ئارىلىقنىڭ يېقىن-يىراقلىقىغا قاراپ 5 يۈئەندىن 10 يۈئەنگىچە مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بىر قېتىمدا بەش كىشىدىن ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن 30 يۈئەندىن 150 يۈئەن ئالىدۇ. بۇنىڭ 30 يۈئەن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بولغان كىراغا كەتسە، 20 يۈئەن تېلفۇن ھەققى، ھەمدە خىرىدارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەرگەن پارچە كىراسىغا كەتسە ئۆزىگە قالىدىغىنى 100 يۈئەن بولىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىن خىرىدارلىرىمىزمۇ رازى بولىدۇ، مال يۈتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلغان ئوقۇغۇچىمۇ مەنپەئەتدار بولىدۇ. بىزمۇ ھەم خىرىدارلىرىمىزمۇ ھەم بىر ئوقۇغۇچىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋاستىلىك قوللىغان بولىمىز. مەن ئاۋۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بوشاڭلىقىغا قاراپ ئىچىم پۇشتى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى خىراجىتىگە يەتكۈدەك پۇللارنى توشاق ئەۋەتىپ تۇرسا كىرەك. شۇ سەۋەب بۇ بالىلارنىڭ پۇلغا ئىھتىياجى يوق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدىم. مىنىڭمۇ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىم بولۇپ باققان، ئاچ قالغان، گېزىت ساتقان، باققال بولغان، تىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقان، ئاشخانىدا ئىشلىگەن، ئىشىك ئالدىغىچە بۇيرۇتقان كىتابلارنى ئاپىرىپ بىرىپ < <كىتاب ئارىيەت بىرىش مۇلازىمىتى >> قىلىپ باققان. مەن مۇشۇلار ئارقىلىق پارچە-پۇرات خىراجەتلىرىمنى مۇستەقىل تېپىپ خەجلىگەن. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى، ئىشلارنى تونۇپ، چۈشۈنۈپ يېتىشىمگە تۈرتكە بولغان. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتتىكى ئىش تېپىپ ئىشلەش نوقۇل ھالدا ئۇششاق – چۈششەك خىراجەتلەرنى تېپىشلا ئەمەس. بەلكى ئۆزىگە تايىنىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش، پۇرسەت، شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. سىتۇدېنتلار، بەخت-ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن!

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-04-01 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 157 قېتىم كۆرۈلدى

ئۆلگەندىن كىيىنكى ئىشلار

ئۆلگەندىن كىيىنكى ئىشلار

ئاپتۇرنىڭ ئۆز ئۆلىمىدىن كىيىنكى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنىغا ئوخشاش ئادەتتە كاللىسى سەگەك ھەر قانداق بىر كىشىدىمۇ بۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنىڭ بولىشى نۇرمال ئەھۋال. شەخسەن مەنمۇ بۇ ھەقتە تولا ئويلاپ قالىمەن. باللار كىچىك، خوتۇن تەجىربىسىز ئەھۋالدا ئۆلۈمنىڭ تىز سۈرئەتتە يىتىپ كىلىشى بىر ئۆينىڭ بېشى بولغان كىشىگە نىسبەتەن ھايات قالغانلار ھەققىدە نۇرغۇن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلمايدۇ دېسەبۇ ئىنسان تەبئىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قاراش بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبئىتىگە ئۆلۈمدىن قورقۇش، بۇ قورقۇشنىڭ ئارقىسىغا ئاخىرەتتىن ھېساب بىرىش بىلەن بىرگە بۇ ئالەمدە ھايات قالغان بالا-ۋاقىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىنمۇ خاۋاتىرلىنىش، ئۇلارغا قىيالماسلىقنى سالغان ئىكەن. بۇنى ئىنكار قىلىشنىمۇ دۇرۇس دىگىلى بولمايدۇ.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-03-20 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 530 قېتىم كۆرۈلدى

80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر (4)

ئىلگىرى بلوگ يېزىشقا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتەتتىم. ئۆزۈمنىڭ خاس بىر بلوگىمنى قۇرۇپ چىقسام دېگەن نىيەتتە ھېرىپ – چارچاش دېگەننى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئىدىم. 2007-يىلنىڭ ئاخىرى ”بىرزات شىپاخانىسى “ نامدا قۇرۇلغان خاس بلوگىمنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى خاسلىققا ئىگە بلوگلاردىن يۈكسەل بلوگى (ئەيدىز ۋە ئۇيغۇر تەگئاتچىلىقى ئاساس قىلىنغان)، جېك بلوگى (فىزىكا ۋە ھەر قايسى تەبئىي پەنلەرگە ئائىت نەزىرىيە ۋە تەتقىقاتلارنى ئاممىباب تىل ئارقىلىق بايان قىلىش ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان)، ئەرتۈرۈك بلوگى ( ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەدەبىي خاتىرىلەر ۋە نەسىرى ئەسەرلەر ئاساس قىلىنغان) قاتارلىق قىرىنداش بلوگلار قاتارى سەپتىن چۈشۈپ قالماي مېڭىشىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز خاسلىقى بولغان تېبابەت ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن زىيارەتچى تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىغا ماس ھالدا داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرلەش زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نەزىريەۋى تېببى بىلىملەردىن كۆرە ئەمەلىي بولغان ساغلاملىقنى ئاسىراش بىلىملىرى، ئەتراپىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك، غىزالىرىمىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ھە دېگەندە دوختۇرغا يۈگۈرۈپ يۈرۈشتىن كۆرە ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي ھەم ئاسان تاپقىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشتىم.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-31 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 1 292 قېتىم كۆرۈلدى

بىلەيچى بوۋايدىن باشلانغان قىسقا پاراڭلار

ﮬﻪ ﺭﺍﺱ ﺑﺎﻟﻼ، ئەختەم ئۆمەر قەلىمىدىكى ﺑﯩﻠﻪﻳﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻤﯘ؟…ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. 93 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺗﯧﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯚﺭﻧﯩﺪﯗ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯧﺮﺗﯩﻐﺎ ﭘﻮﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﻪﻝ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﻠﻪﻱ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺗﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎ ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻱ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻗﻮﻟﺘﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯜﻣﯜﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ:
- ﺋﺎﻛﺎ، ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻳﭽﻰ ﺳﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﻠﯩﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟
- ﮬﻪ، ﻣﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ. ﻣﻪﻥ ﮔﯩﺰﯨﺘﻜﯩﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺑﺎﻻﻡ ، ﭼﯧﻴﯩﯔ ﺑﺎﻣﺎ؟ ﺑﯩﮋ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﺑﯩﺮﻩ!

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-31 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 3 492 قېتىم كۆرۈلدى

سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇپ ئۆزۈمگە كېسەل تاپتىم

ئادەتتە، ساقالنى ئۆيدە ئالاتتىم. بىرسى سەتراچنىڭ بىخەستلىكىدىن بىرەر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلسام يەنە بىر جەھەتتىن سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قارايتتىم. ئىككى كۈندە بىر ئىلىپ تۇرمىسام ساقال قويىۋالغاندەكلا ئۆسۈپ كىتىدۇ. بەزىدە ۋايساپ قويساممۇ كوسا ئادەملەرگە قاراپ شۈكۈرى ئاللا دەيمەن. بۇ قېتىم سەتراچخانىدا چاچنى قىردۇرغاچ ساقالنىمۇ قوشۇپلا ئىلىۋەتسۇن دەپ ساپتىكەنمەن. مەن ئەنسىرەپ يۈرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-31 سەھىپە: پارچە-پۇرات خاتىرىلەر ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 680 قېتىم كۆرۈلدى

ياغلىق

ياغلىق

-بىر تال ياغلىققا ئۆلۈپ قالمايسىز خان!

-دادام خاپا بولىدۇ، قىز بالا يالاڭ باش يۈرسە يامان بولىدۇ!

- ھېچنىمە بولمايدۇ،قارىڭە،نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىدىمۇ ياغلىق يوققۇ؟ مانا ماۋۇ مۇئەللىمىڭىزمۇ ئايالغۇ؟بېشىدا ياغلىق يوققۇ؟! ئۇلارغا يامان بوپتىمۇ؟ -ئوتتىرا ياشلىق ئايال ئوقۇتقۇچى يەنە گەپكە ئارىلاشتى.

– بىزنىڭ ياغلىقىمىزنىمۇ بۇرۇن شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن!ھى ھى ھى …- تۇرىقىدىن سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشايدىغان ياش ئايال ئۆزىنىڭ چاخچىقىدىن مەمنۇن بولۇپ قېنىق گىرىم قىلىنغان يۈز تېرىسىنى پۈرۈشتۈرۈپ سەت ھىجايدى.

– ھا ھا ھا،توغرا دەيدۇ،بىزنىڭ ياغلىقىمىزنىمۇ بۇرۇن شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن!-باشقا ئاياللارمۇ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. ئارقا ئارقىدىن يېغىۋاتقان تەنبىھ گەپلەر قىزچاقنى تەمتىرتىپ قويدى.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-30 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 5 1,013 قېتىم كۆرۈلدى

يەرنى كولاپ يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

يەرنى كولاپ يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

مۇنبەر دېگەنمۇ قىززىق نېمە، ئويۇنخۇمار گەپچى باللار قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ ياكى كولدۇرلىتىدۇ، نۇرغۇن ئوماق تورداشلار كۈلىدۇ ھەم كولدۇرلىتىلىدۇ. بۇ ئوماقلارنىڭ ئىچىدە قانداقلا نەرسىنى كۆرسە ئىشىنىپ قالىدىغان ھاڭۋاقتىلارمۇ، ھاڭۋاقتىلارنىڭ ساددىلىقىغا ھەيران بولۇپ ھاڭۋىقىپ ئىنكاس يازىدىغان سۆيۈملۈك تور قۇرتلىرىمۇ بار. كولدۇرلاتقانلارنى كولدۇرما قىلىپ چالىدىغان قىززىقچى، ھۇشيار ئويۇنچىلارمۇ بار. بىرسى مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ:
قەشقەرلىك تورداش: قەشقەردىن يەرنى تۈپتۈز كولىسام قەيەردىن چىقارمەن دەپ گۇگىللىسام جەنۇبى ئامىرىكىغا يېقىن دېڭىزدىن چىقىدىكەنمە.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-27 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 9 740 قېتىم كۆرۈلدى

بىر قانچە يۇمۇر ئوينايمىز

بىر قانچە يۇمۇر ئوينايمىز

ئانا تىلنى بۇزۇپ سۆزلىگەننىڭ ئاقىۋېتى ھەققىدە ئەتتىگەندە ئولتۇرۇپ ئاچچىق بىر يۇمۇر ئاڭلىۋەتتۇق. بىر ئاغىينىمىزنى سەھرادىن تۇققانلىرى يوقلاپ كىرىپتۇ. ئايالى تاماق ئىتەي دېسە ئۆيدە گاز تۈگىگەن. شۇ خىجىلچىلىقتا تۇققانلارغا دەپتۇ: – خاپا بولۇشمايلا ئايالىم تاماق ئېتەي دېسە < < مېچى>> تۈگەپ قاپتىكەن. سېرتقا چىقىپ ياخشىراق ئاشخانىدا سىلەرنى مىھمان قىلىۋالاي، دېسە ئاۋۇ تۇققانلار :
ھېچنىمە بولمايدۇ، ئاشخانىدا تاماق قىژمەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە تازا پاكىز دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. بىز سەھرادا سۇيقاش ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن، ئاشنى مېچى سالماي ئېتىۋەرسۇن، ئىچىۋېرىمىز….

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-17 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 3 638 قېتىم كۆرۈلدى

بىرزات مىكرو بلوگ يازمىسى

ئۆي بېزىگەندە قوشنىلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئىتىيات قىلىش تولىمۇ موھىم ئىكەن. 1-قەۋەتتىكى قوشنام ئۆيىنىڭ بىزەكچىلىك ئىشىنى شۇ كۈنىلا تەل تۆكۈس تۈگەپ كەتسۇن دەپ كەچ سائەت 9 دىن كىيىنمۇ بىزەكچى ئۇستاملارنى ئىشلىتىپتىكەن، بۇ ئەھۋال 3-قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپتۇ. ئۇلارغا ئۈستىدىكى ئۆيدە تار-تۇرۇڭ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ خاتا تۇيغۇدا 4-قەۋەتتىكى قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بۇزۇلغانلىقىنى دەپ خاپا بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئوخشايدۇ. تېخى بىر-بىرسىنى تونۇشمايدىغان بۇ قوشنىلار ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ بىر جىدەل قايناپ كەتمەسما…تىل سىلىشلار، ھەيۋە قىلىشلار، ئاجرىتىۋالمىغان بولساق مۇشتلىشىش كىلىپ چىقاتتى، ئۇڭغىچە ساقچىلار كىلىپ ئىشنى بىسىقتۇرغان بولدى

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-17 سەھىپە: پارچە-پۇرات خاتىرىلەر ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 5 269 قېتىم كۆرۈلدى

بىرزات ۋە ئۇنىڭ << 80 خالتا >> سى

پېقىر بىرزات بىلەن ئۇنىڭ < < ھورۇن مۈشۈك >> چاغلىرىدا ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق تونۇشقان. ئۇنىڭ تېرەن تەپەككۇر قىلىدىغان ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا خاس گەپكە ماھىر ، خۇشخۇي مېجەزى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دوستلۇق مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتقان ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم QQ ئارقىلىق بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. شۇ چاغقىچە ئۇنى پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يازمىلىرى ئارقىلىق تونۇيتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنى 30 لاردىن ھالقىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-16 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 1 321 قېتىم كۆرۈلدى

پەلسەپە ئۈگۈنۈش خاتىرەم

پەلسەپە ئۈگۈنۈش خاتىرەم

ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ، ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﻟﻪﺭ ﺩﯙﯞﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﯞﻯ ﺳﻪﯞﻳﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ.( ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺘﯩﺸﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺟﺎﺑﺪﯗﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯩﺪﯗ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ).

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-16 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 112 قېتىم كۆرۈلدى

خوتەنگە سەپەر (خوتەن ھەققىدە خاتىرىلەر)

ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت پۇرقىغا ئىگە ئىمام ئاسىم قەبرىسى ئەتراپىدىكى ھەر پەيشەنبە ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى سەيلى ساياھەت – مەشھۇرلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش، ھەر يۇرت پالىۋانلىرىنىڭ چىلىشىشىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، تۆگە مېنىش، مەدداھلارنىڭ قىسسە – رېۋايەت ئوقۇشلىرى ، كەچلىرى گۇلخان يېقىپ چېچى بىلىگىچە كىلىدىغان دەرۋىش سۈپەت سۇفى-ئىشانلارنىڭ جەررە سىلىپ سەكرەشلىرى، نورۇز ئېشىغا ئوخشاش ھەر خىل خۇرۇچلارنى تاشلاپ ئېتىدىغان تاماقلىرى… زامانىۋېلىقتىن چىڭقىغان نېرۋا-ئەسەبلەرنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ، كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
گەرچە بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىن ئۇلۇقلار ئىچىندۇردىغان كۆرۈنۈشلەر، چېچى بەلگىچە چۈشكەن ئاشىق سۈپەت ياپ-ياش دېۋانە – دەرۋىشلەرنىڭ توپا-كىر باسقان مىسكىن سىياقى بىزلەرنى ئىچىندۇرسا ،

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-15 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 1 260 قېتىم كۆرۈلدى

ھويلا-ئاراملىرىڭىزغا قانداق گۈللەرنى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

ھويلا-ئاراملىرىڭىزغا قانداق گۈللەرنى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

ھازىرقى بازار باھاسى ھەر كىلوگىرامى 50 كوي ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. بازار تۆۋەنلەپ كەتكەندىمۇ 28-30 كويدىن تۆۋەن بولۇپ باقمىدى.(بۇ ماتېريال 2008-يىلى تەييارلانغان بولۇپ گۈل چاينىڭ ھازىرقى ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 290-300 يۈئەنگىچە ئۆرلىدى. بۇ ئۆسۈملۈك چېچىگىنىڭ بۇنچە ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب بۇ چاينىڭ يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇق، جېگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش دېگەندەك تەسىرى بولغاچقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىققان دورا تېجارەتچىلىرى قانچىلىك تاپالىسا شۇنچىلىك سېتىۋىلىشىدىن بولدى)

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-15 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 352 قېتىم كۆرۈلدى

80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر(3)

پىداگوگىكا ئىنىستىتوتتا ئۇيغۇر تېلى ئۈگىنىۋاتقىلى 6 ئاي بولغان ئىككى كورىيەلىك قىز پات-پات دۇكانغا كىلىپ چاي تەڭشىتىپ ،باشقا خىرىدار بولمىسا ئولتۇرۇپ بىر ئۇزۇن پاراڭ سوقۇپ قايتىشىدۇ. بەزى ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە ئەبجەشلەشتۈرۈپ پاراڭ قىلىشىپ قويدۇق، كورىيە مەدىنىيتى، ھازىر ئىشلىنىۋاتقان كىنولىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى… بەزى جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە شۇنداق چىرايلىق سۆزلىگىنىگە قاراپ مەستلىكىم كىلىپ قالىدۇ. ئۇلار بىلەن چېقىشىپ قويىمەن، سىلەر نېمىشقا كورىيە كىنولىرىدىكى قىزلاردەك چىرايلىق ئەمەس…………………….

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-14 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 1 466 قېتىم كۆرۈلدى

مەشھۇرلار ھەققىدە ‹‹غەيۋەتلەر››

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﺸﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﺷﻜﯩﺮﻩﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭘﺎﺭﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﺗﯧﻞ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ:- ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯩﺶ. ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ < < ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻏﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ < < ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﯔ.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-14 سەھىپە: پارچە-پۇرات خاتىرىلەر ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 3 607 قېتىم كۆرۈلدى

بىخۇتلۇقنىڭ زېيىنىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟

ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ:
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ، ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ….ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻻﭘﺘﯘ. ﺋﺎﭘﻼ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﺩﺍ 3000 ﺟﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﯩﯔ، ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻪﻣﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻱ. ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ﺋﻪﻣﺴﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﺗﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯩﺶ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ، ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺳﻪﯞﺭﯨﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜﭘﺘﯘ. ﻗﯩﺰ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﯨﻨﯩﺪﻩ ﺳﯧﺰﯨﻤﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-13 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 1 334 قېتىم كۆرۈلدى

بوھران (ھېكايە)

……ئىگىز بىر قىيانىڭ ئۈستىدە ھىلىقى مەشھۇر شائىر بىلەن يىراققا سىيىشتە بەسلەشتۇق. تۆۋەندە سۈزۈك بىر ئىقىن دولقۇن ياساپ تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلاتتى. شائىر ئىشنى باشلىۋەتتى. قارىسام ئۇنىڭ سۈدۈكى ئۇدۇل دەرياغا چۈشتى. توۋا، ماۋۇ ئادەم ھەجەپ يامانكەن، مېنى يېڭىۋالامدۇ نېمە دەپ مەنمۇ قويۇپ بېرىشكە تەمشىلىۋاتسام مەن قويۇپ بەرگەن لېنيەنى بويلاپ دەريا ئىچىدىن بىلەك توملىقىدا ئارغامچىغا ئوخشاش ئۇزۇن بىر نېمە ئۇچۇپ چىقىپ كاپلا ئىسىلدى، – دە ئۇدۇل دەرياغا تارتىپ سوزۇپ ئىلىپ ماڭدى. مەن ۋايجانلىغان پېتى ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. بىر ھازاغىچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ تىنىقىم ئىچىمگە چۈشمىدى. ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسى كىلىدۇ. مەن نېمە بولۇپ ئۇ شائىر بىلەن بەسلىشىپ قالغاندىمەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر بىمەنە ئىشنى قىلىشتا بەسلەشكەندىمىز، نېمىشقا ئۇ پاكىز دەرياغا سىيەلەيدۇ، مەن سىيەي دېسەم نېمە ئۈچۈن مېنى نامەلۇم كۈچ بوغۇپ قويىدۇ. ئۇ نېمە بولغىيتتى، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن شۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىمەن؟

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-13 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس يوق 125 قېتىم كۆرۈلدى

يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغان قىزنىڭ ھېكايىسى

نېمىشقا تېۋىپلار ھە دېسە باھنى قۇۋۋەتلەشنى دەسمايە قىلىۋالىدۇ؟
ئەرلەر نېمىشقا لاتىلىشىپ كەتتى؟ كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى؟
مانا ماۋۇلار تېپىك رېئال مەسىلىلەر ئىكەن. دېمىسىمۇ بەزىلەرنىڭ جېگەر ، يۈرەك، قان-تومۇرلاردا مەسىلە خىلى ئېغىر بولسىمۇ ئاۋۋال شۇنى داۋالىماي بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغانغا بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ جان بىلەن ئوينىشىدۇ. ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئوينىۋېلىپ، جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ بولۇپ بېشىمغا نېمە كەلسە كۆرەي دەيدۇ.
يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغان مۇسۇلمان بىر قىزنىڭ ھېكايىسى:

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-12 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 10 2,683 قېتىم كۆرۈلدى

ئوغلۇم مىتال پارچىسى يۇتۇۋاپتۇ

يېقىندىن بۇيانقى بەزى ئىشلار مېنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. ئالدىدا 4 ئايلىق بولغان ئوغلۇم ئۆمەر بىر پارچە مىتال پارچىسىنى يۈتۈۋېلىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى ساراسىمىگە سىلىۋەتتى. قەشقەر 1- (كېرەمباغ ) دوختۇرخانىىغا ئىلىپ بارسام رېنتېگىن بۆلىمىگە يوللاپ بەردى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بالىنىڭ قورسىقىدا ساقال تېغى بار ئىكەن دەپ بىر ئىشخانىدىكى ھەممىسى دېگۈدەك ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. رەسىمنى قولۇمغا تۇتقۇزغان تەكشۈرگۈچى خادىم- 4 ئايلىق بولغان بۇ بالا ساقال تېغىنى قانداق يۇتىۋىتەلىدى؟ بالا دېگەننى مۇشۇنداق باقامدۇ؟ دەپ سۆزلەپلا كەتتى. راس دېگەندەك سايلەندۈرۈلگەن رەسىمدىكى مىتالنىڭ شەكلى بەئەينى بىر تال ساقال تېغىغىلا ئوخشايتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ، ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ سەل ئېغىر كەلدى.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-12 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 2 507 قېتىم كۆرۈلدى

‹‹80خالتا دۇكىنى››دا يېزىلغان كۈندۈلۈك خاتىرىلەر(1)

‹‹80خالتا دۇكىنى››دا يېزىلغان كۈندۈلۈك خاتىرىلەر(1)

ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.

[تەپسىلاتى]

ۋاقتى:2011-01-12 سەھىپە: ئۇنىۋېرسال ئاپتور:birzat ئىنكاس سانى : 2 519 قېتىم كۆرۈلدى

ئىلاۋە

  • كەمىنە بىرزات لەقەملىك مۇھەممەدتۇرسۇن پارچە-پۇرات ئوي-پىكىرلىرىمنى، پەرزەنتلىرىمنى ئوينىتىش جەريانىدا ھېس قىلغان بالىلار پىسخىكىسى ھەم يېتىلىش باسقۇچلىرى ھەققىدە ئەمەلىي كۆزىتىش تەجىربىلىرىمنى ۋە باشقا ماڭا ئالاھىدىرەك تەسىر بەرگەن جەمئىيەت ھادىسىلىرى، كىشىلىك پەزىلەتلەر ھەققىدە تازا بىر قاملاشتۇرۇپ يېزىپ باقاي دەيمەن. مېنىڭ ئەسلى تەبئىتىم ھۆل مىزاجغا تەۋە بولۇپ ھورۇنلار توپىغا تەۋە. تىرىشچانلار توپىغا تەۋە بولۇپ ئالغا ئىلگىرلىشىم ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىرەر باھانەم بولىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا بۇ ‹‹ بىرزات تور خاتىرىسى›› قۇرۇپ چىقتىم. 80خالتا بلوگىمدا خاس تېبابەت، ساقلىق، ئوزۇقلۇق دېگەندەك مەزمۇنلارغا ئورۇن بىرىلگەن. بلوگ ئادرىسى: http://www.80halta.com دۇكان ئادرىسىم: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. تېلفۇن: 0998-2820877 يانفۇن:13565662787 ، 15309982787 باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

يېڭى باھالار

  • بۆرەئوغلى
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! بۇ كىچىككىنە ئەمگىكىمگە بۇنچىلىك ئىلتىپات قىلغىنىنىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.
  • نەپكار
    بىرزات ئاكا، سىزگە بولغان قايىللىقىم كۈنسېرى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ، رەببىمىز سىزدەك تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ
  • نەپكار
    سىلىنىڭ تىبابەتتىلا ئەمەس، يېزىقچىلىقتىمۇ قالتىس ھۈنەرلىرى باركەن، بىراق... بىراق مېنىڭ ئىلتىماسىم ج
  • شاھ ئۇيغۇر
    ياق، ياغلىقىمنى تېپىۋالمىسام بولمايدۇ، بولمىسا كېيىن سىلەردەك ياغلىقىمنى مەڭگۈ تاپالماي قالىمەن... ھ
  • شاھ ئۇيغۇر
    ئىشقىلىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، ئاللا ئىگەم مەرتىۋىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي
  • ئەبەيدۇللا
    بەزى يازغۇچىللىرىمىز دىنغا ئىشەنمەيدىكەن. خەلقنى ئويغىتىدىغان بەزى زىيالىلىرىمىز ئۆزلىرى ئويغاتماقچ
  • سابا
    بۇ دو خوتەنگە كىلىپ قالسىڭىز مەن بىلەن كۆرىشمەي كەتمەڭ!!
  • بەخىتيار
    غېنى سەمەت دىگەن قايسى يازغۇچى، قايسى ئەسەرلىرى با ر، مەن كۈرۈپ باقاي دىگەن. توردىكى ئەسەرلىرى بولسا
  • مەستانە
    بەك قىززىقكەن
  • مەستانە
    ئەگەر كولاشقا كىرىپ كەتسەم،ئۇزاق ئەتكەن چاي ئىچەلمەي ھالسىزنىلپ كىتىمەنتە،بىراق ئاتۇشلۇق ئاغنەمگە ئا

بىرزاتنىڭ ئويلىرى

    بىرزاتنىڭ ئوي خەزىنىسى بۇ يەردە ...
  • نۇرمال دەپ قىلىۋاتقان بەزى ئىشلىرىمىزغا، كاللىدا ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوي-خىياللىرىمىزغا تۇرۇپلا توۋا دەپ قالغۇم كىلىدۇ. بۇ قېتىم تۇز ۋەھىمىسىنىڭ شۇنچە تېز پەيدا بولۇپ كىشىلەرنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشىغا سەۋەب بولىشى مېنى يەنە بىر قېتىم توۋا دېگۈزدى. تۈنۈگۈن بىزنىڭ باللا 10 بولاق تۇز ئىلىپ قويۇپتۇ. كىچىككىنە بىر سەھرا مەھەللە دېگەندە قانچىلىك ئارتۇق مال بولاتتى. كەچتە چوڭ ئۆيگە بارغاندا 5 بولاق تۇزنى دۇكاندارغا چىقارتقۇزۇپ بەردىم. ھازىر شەھەردە 10 يۈەن ئىمىش، بەك رەھمەت دەپ كېتىپتىمىش

  • دۇكان قوشنام مالىك مەن بىلەن بىر قورۇدا ئولتۇردىكەن. كۆرۈشكەندە ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››نى ئاغزىغا تولدۇرۇپ ئىلىپ قول ئىلىشىپ سالاملىشىدۇ. ئۇ تولىمۇ چىقىشقاچ كۆرۈندى. يۈزىگە چىققان يوغان دانخورەكلەرگە ياساپ بەرگەن دورام ياخشى مەنپەئەت قىلىپ يۈزلىرى سىلىقىلىشىپ چىرايلىق بولاپ كىتىپتۇ. ئۇيغۇر تېبابەت ئادەتتىكى ياسالما دورىلارنىڭ شۇنچە ئۈنۈملۈك پايدا قىلىدىغانلىقىدىن ھەيران قاپتۇ.ئۇ مەندىن ئۇيغۇرچە ئۈگۈنىدىغان مەن ئۇنىڭدىن خەنزۇچە ئۈگۈنىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق.خەنزۇچە ئېغىز تېلىم بىر راۋانلىشىپ كەتسە...

  • گۆش گېردە يېگۈچە، دارىۋال بازىرىدا، قەيەردىلا بولمىسۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا تاشنىڭ، پۇلنىڭ گېپى. چىرايىنى توپا-كىر باسقان ئادەملەر غايىپ خەزىنە ئىزدەپ دەرياغا كىرىۋالغان، يىراقتىن قارىماققا دەريا ئىچىدىكى تاشلارغا ساناقسىز قاغىلار قونىۋىلىشقاندەق مەنزىرە كۆرىنىدۇ. جامە يولى، قىززىق دەرۋازا خاراپلاشقاندەك ھەممە يەردىن دېماقنى ئىچىشتۇردىغان ئاچچىق بۇغۇناق توپا ئۆرلەپلا تۇرىدۇ. ئادەملەر تەييار ئامەتنىڭ ۋەسۋەسسىدە ھورۇنلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. مىھنەتسىز بايلىق ئىگىسىنى ئىسىلزادە كۆرسەتمەيدىكەن.

  • قىش كۈنلىرىدە سەپەر قىلماق نۇرغۇن مۈشكۇلاتلارنى تەييار قىلىدىكەن. بىرىپ-كەلگۈچە چىققان ھەر ئىككىلا ئاپتۇبۇسنىڭ ئەينەكلىرى مۇزلاپ توڭۇپلا كەلدۇق. ئەديال بىلەن پۇتۇمنى چۈمكەپ قىلىن چاپىنىمنىمۇ سالماي شۈمشۈيۈپ يېتىۋالساممۇ توڭۇپ ئۇخلىيالمىدىم. باشقا يولۇچىلارمۇ شۇنچە ئۇزۇن يولغا تۈزۈكرەك ماشىنا سالماپتۇ دەپ خوتەنگە بارغۇچە غۇدۇراپ چىقىشتى. ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىغا يوغان قىلىپ ‹‹ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، تاماكا چەكمەڭ›› دەپ يېزىپ قويۇپ شوپۇرلارنىڭ ئۇلاپ تاماكا چىكىشى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.

  • قەشقەردە بۇ يىل قىش كىرگەندىن بىرى قار يېغىپ باقمىدى. ھاۋا ئۇنچە سوغۇقمۇ ئەمەس. ھەر پەسىلنىڭ ئۆزىگە يارىشا خاسلىقى تولۇق ئىپادىلەنسە بولاتتى، قار ياغسا ھاۋا ساپلىشاتتى، يۇقۇملۇق زۇكام ۋە باشقا كېسەللەر ئوبدان بىر قار يېغىش بىلەن خىلى ئازلاپ قالاتتى، كىشىلەرنىڭ قار ياققاندىكى ھاياجان چىرايىنى كۆرەتتۇق. قار پومزەكلىرىنى ئىتىشاتتۇق. يا رەببىم، بۇ يىل قىشتىمۇ ئاپپاق قارنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغىن! بىزلەرنى قۇرغاقچىلىق، ئاچارچىلىق، كېسەللىك ئازابلىرىدىن ساقلىغىن، رەھمەت بۇلۇتلىرىڭنى ئەۋەتكىن... ئامىين!!!

  • ئوغۇلبالا دېگەن كەپسىز بولىدىكەن. بىردەم جىم تۇرغىننى بىلگىلى بولمايدۇ. چوڭ ئوغلۇم ئۆمەر كىلىپ كونۇپكا تاختىسىدىن Esc كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ ئابايتىن يېزىۋاتقان نەرسىلەرنى يوق قىلدى، تەرىم تۈرۈلۈپ ئۇنىڭغا ھومۇيۇپ قاراپ بولغۇچە كىچىك ئوغلۇم بىلال ئۆمىلەپ كىلىپ Mouse نى تارتىپ شىرەگە ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. سەن نېمە دەيسەن ئەمدى دەپ ئاچچىقلاي دەۋاتسام ئۆمەر: دادا، دۇكانغا بايە، ئامانەت، خوش. دەپ كۈلدۈرۋەتتى. قارىسام كومپيۇتېرنىڭ مەنبەسىنى بېسىپلا ئۆچۈرۈپ: دادا، مەن ئۆچىيۋېتەي. ئاللا ئامانەت.....

  • بىسمىكەللاھۇممە ئەمۇتۇ ۋە ئەھيا O Allah, I live and die in your name . ئى ئاللا، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ياشايمەن ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆلىمەن. (بۈگۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئانى ئۈگۈنىۋالدىم)

  • ئىنساننىڭ تاقىتىنى ئوبدان بىلگۈچى قۇدرىتى ئۇلۇق ئاللا ياخشىمۇ بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى 24 سائەت قىلىپ مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئاران يېرىمىنى ئىش-پائالىيەت قىلغىلى بولىدىغان قالغان ۋاقىتتا ئارام ئىلىپ ھاردۇقنى چىقىرىدىغان قىلىپ ياراتقان ئىكەن. بولمىسا نەپسىمگە ئەگىشىپ ئالدىراشلىق ئىچىدىن باش تارتىپ بولالماي ھاردۇق يېتىپ ئۆلۈپ قالاتتىمكەن. ئۇف، ھەجەپ چارچىدىم. شۈكۈرى ئاللاھىم، ئىنسانلارنى ئارام ئالسۇن دەپ ياراتقان قاراڭغۇ تۈن قوينىدا بولسىمۇ دۇنيا غېمىنى ئۇنتۇپ ئارام ئالاي. بىسمىللا....

  • بىر كىشى لوقمان ھەكىمنىڭ يېنىغا ئوغلىنى ئىلىپ كەپتۇ._ ئوغلۇم ھەسەل يېمىسە ئۇنىمايدىغان بولىۋالدى، نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا دەپتۇ.ھەكىم ئۇ كىشىنى 40 كۈندىن كىيىن كەلسىلە دەپ يولغا سىلىپ قويۇپتۇ. دېگەن ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئاۋۇ ھەسەل خۇمار بالىغا بالام ھەسەل يېمىگىن دېگەن سۆزنىلا قىپتۇ. بالىنىڭ ئاتىسى نېمە دەپ 40 كۈننىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ گەپنى قىلمايدىلا؟ھەكىم: -چۈنكى مەن ئۆزۈم ھەسەلگە خۇمار تۇرۇپ بالىنى ھەسەل يېمە دېسەم گېپىمنى ئاڭلىمايتتى. ھەسەل يېيىشنى توختاتتىم،ئەمدى بالاڭ ھەسەل يېمەيدۇ.

  • ئىككى ياشلىق چوڭ ئوغلۇم ھەسەلگە ئامراق چىقىپ قالدى. كۈندە ئەتتىگىنى ئويغۇنۇپلا ھەسەل چاي ئىچىمەن دەپ غەلۋە قىلىدۇ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى بەرسە ھەسەل سىلىپ بەرمىگىچە ئىچكىلى ئۇنىمايدۇ. ھەسەلنىڭ بالىنىڭ ئەقلىي قۇۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان ئىجابىي تەسىرىنى رۇشەن ھېس قىلىۋاتقان بولساممۇ كىچىكلا تۇرۇپ كۈندە 2-3 قوشۇق ھەسەل ئىچىشى سالامەتلىكىگە نىسبەتەن بىرەر سەلبىي تەسىرنى بىرىپ سالارمۇ دەيدىغان بىر ئەندىشىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. كۈندە بىرەر قوشۇق ئىچسە مەيلىتتى، كۆپ پايدىلىق ئىدى.

ئەزا مەركىزى